سادام ھۈسەيىننىڭ سوتى چارشەنبىگە كېچىكتۈرۈلدى

يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت، سوتتىكى تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن يەنە كېلەر چارشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئىراقتا سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىبلەنگەن 6 جاۋابكار سوتقا چىققان ئىدى. ئەمما سوت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جاۋابكارلارنىڭ ئارىسىدىكى سادام ھۈسەيىننىڭ دادا بىر ئانا بۆلەك ئەر قېرىندىشى، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش سوتچى ئابدۇل راخمان بىلەن تاكاللىشىپ قالغان. شۇنداقلا ئۇ سوتتا ئىراق سوتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، باش سوتچى ئۇنى سوتتىن چىقىرىۋېتىشنى بۇيرىغان.

ئارقىدىنلا سادام ھۈسەيىننىڭ ئادۋۇكاتى سوتتىن چىقىپ كېتىپ، قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن. گەرچە باش سوتچى، سوتنىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن سادامغا يېڭىدىن 4 نەپەر ئادۋۇكاتنى چىقىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سادام بۇنى قوبۇل قىلماي سوتتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە باش سوتچىنى ئەيىبلىگەن.

باش سوتچى ئاخىرىدا سادام ھۈسەيىن ۋە باشقا جاۋابكارلارنى سوتتىن چېكىنىشكە بۇيرۇپ، بۇ سوتنىڭ ۋاقتىلىق توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا سوت چارشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن. 10‏- ئاينىڭ 19‏- كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، سادام ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى ئۈستىدىن 7 قېتىم سوت ئېچىلىپ بولدى ھەمدە ئاۋالقى 5 سوتچىنىڭ ئارىسىدا 3 ئى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بولغان. (پەرىدە)