ياۋروپا ئىتتىپاقى بلۇرۇسىيىگە ئىمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى

بلۇرۇسىيە پرېزىدېنت سايلىمىدا لۇكاشىنكو ھۆكۈمىتى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىش ۋە ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى بلۇرۇسىيىگە ئىمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، " ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسى جەھەتتە خەلقئارا سايلام ئۆلچەملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەرگە تېخىمۇ كونكرېت خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىشنى قارار قىلدى " دېيىلگەن. سايلامغا نازارەتچىلىك قىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، سايلامنى يىتەرلىك بولمىدى، ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ جاكارلىغان ۋە بلۇرۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، بېلگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كارېل دېي گۇچ، بلۇرۇسىيە رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىكىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك، دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە ئامېرىكا، بلۇرۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ مىنسكىي مەيدانىدىكى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۈچ قوللانغانلىقىنى ئەيىبلەپ،" بلۇرۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز پىكىرىنى تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەش ھوقۇقى بار " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بلۇرۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پوپوۋ، " بلۇرۇسىيە خەلقى ئۆزىنىڭ تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى " دەيدۇ. بلۇرۇسىيىدىكى سايلامدا ھازىرقى پرېزىدېنت لۇكاشىنكو ئومۇمى ئاۋازنىڭ 82 % تىن كۆپرەكىگە ئېرىشىپ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)