38 - پاراللىلدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى كورىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى
2006.08.01
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيىلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان 38 - پاراللىلدا دۈشەنبە كۈنى كېچىسى يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىككى كورىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى. شىمالىي كورىيە سېئول بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئازاتلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىكار قىلغان.
جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 38 - پاراللىلدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىدە ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئادەم ئۆلمىگەن. جەنۇبىي كورىيە تەرەپ شىمالنىڭ قاراۋۇلى جەنۇبىي كورىيە قاراۋۇلخانىسىغا 2، 3 پاي ئوق ئاتقاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شىمال تەرەپكە 6 پاي ئوق ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ 2006 - يىلى كىرگەندىن بېرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى توقۇنۇش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ 38 - پاراللىلغا بىر مىليون كىشىلىك ئەسكىرى قىسىمى يىغىلغان بولۇپ، پيوڭياڭ بىلەن سېئول 1953 - يىلى كورىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بېرى ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ۋەقە شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. شىمالىي كورىيە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئازاتلىق كۈنىنى تەبرىكلەشنى بىكار قىلغان. بۇ پائالىيەت 1945 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياپونىيىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلەشنى مەقسەد قىلغان.
شىمالىي كورىيە بۇ يىل 5 - ئىيۇلدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە شىمالغا بېرىدىغان يىمەك - ئىچمەك ياردىمىنى توختىتىپ قويدى. پيوڭياڭ بولسا شىمالغا تۇققان يوقلىماقچى بولۇپ بارغان بىر جەنۇبىي كورىيىلىكنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە پيوڭياڭغا قارشى ئىمبارگو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇشنى چاقىرىق قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە تۇتقان رولىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى
- ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ
- ئامېرىكا ئەلچىسى خىتايغا بېرىپ شىمالى كورىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىدى