ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا ئىمبارگونى بىكار قىلىش "سىگنالى" بېرىشى مۇمكىن


2004.12.07

قورال - ياراق ئىمبارگوسى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى گائاگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بېرىشى مۇمكىن. بىراق، ئىمبارگونىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشى ناتايىن ئىكەن. ئىككى تەرەپ گائاگادىكى يىغىندا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش، يادرو تېخنىكىسىنى تىنچلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويىدۇ.

قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشنى تەلەپ قىلغان ۋېن جياباۋ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىمبارگونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، سەيشەنبە كۈنى ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىردى. بىراق قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۈشەنبە دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گائاگادىكى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.