ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى


2004.11.04

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ " بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش تەھدىدى" بىلەن خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇش ھەققىدىكى ئەرزنى قۇبۇل قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىدىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كىلىشىمىنى ئىجرا قىلىش كومىتىتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ھەققىدىكى ئەرزىنى رەسمىي قۇبۇل قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تەشكىلاتى، خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا توقۇمىچىلىق ساھەسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىشتان، كۆينەك، پاختا كىرلىك قاتارلىق ئون تۈرلۈك خىتاي ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۈر تەشكىلات يەنە، خىتاي ماللىرىنىڭ سودا ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى سەۋەبنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتقانلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زۇڭچۈەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىقىپ، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىنى چەكلەش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاب " دەپ بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.