خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
2004.12.02
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ياۋرۇپا رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار ئۇچىرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى گېرخارد شرويدېر 5 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، ئارقىدىنلا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 8 - دېكابىر كۈنى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يىللىق سۆھبىتىگە قاتناشماقچى ئىكەن.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەتتە، ياۋرۇپا بىرلىكىدىن بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى خىتايغا بېرىلگەن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىماقتا.
بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، ۋېن جياباۋنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن، ياۋرۇپانىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بالدۇرراق بىكار قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاڭ چىيۆ بۇ ھەقتە يەنە: "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن قورال ئىمبارگو مەسىلىسىنى بىر - بىرىگە چېتىۋىلىشقا قەتئى قارشى تۇرىدۇ" دېدى.
ياۋرۇپا بىرلىكى بۇندىن 15 يىل ئىلگىرى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك نامايىش پائالىيىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇلىشى سەۋەبلىك، خىتايغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يۈزگۈزگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى