خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
2004.12.03
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتىلغان 15 يىللىق قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يىسۈي، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ياۋروپاغا قىلىدىغان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش، تەيۋەن بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. جاڭ يىسۇي، "ئەگەر ئىمبارگو بىكار قىلىنمىسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، 8 - دېكابىر گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
يىغىندا، ۋېن جياباۋ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمباروگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989 - يىلدىكى تيەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىدىن كېيىن، خىتايغا قارال-ياراق ئىمبارگوسى قويغان.
بۇ يىل 10 - ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلار، فرانسىيىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى