كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى
2004.12.05
ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىلەر چارشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، باش شتابى پارىژدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان تەشكىلاتلار بىرلىكتە ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
ئۇلار مەزكۇر ئوچۇق خېتىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانغانغا قەدەر، خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مىلتىق ئۇچىنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، شۇنداقلا تەيۋەن خەلقىگە قاراتماسلىققا كاپالەت قىلىشقا چاقىردى.
ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ كىلەر چارشەنبە كۈنى گوللاندىيىدە سۆھبەتتە بولىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى يىغىندا ياۋرۇپا بىرلىكىدىن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى قايتا تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
ياۋرۇپا بىرلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989 - يىلىدىكى تيەنەنمېن دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىدىن كىيىن، خىتايغا قورال چەكلىمىسىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. ياۋرۇپا بىرلىكى17 - نويابىر كۈنى قارار ماقۇللاپ مەزكۇر چەكلىمىنى ساقلاپ قالغان، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە كونكېرت تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراق ئىمباروگىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىگە جازا بەردى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى فالۇجاھتا زور بىر تۈركۈم قوراللارنى بايقىدى
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەرزىنى قۇبۇل قىلغانلىقى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
- ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ماللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى