ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى


2004.12.08

ياۋروپا بىرلىكى چارشەنبە كۈنى خىتايغا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغىچە قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى فرەنسويز لېبېيل، "بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىن تېخىچە ئەندىشە قىلىمىز. ھەمدە بىز خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىگە بوي سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ باشچىلىغىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى گوللاندىيىدە 2 كۈنلۈك سۆھبىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت قورال ئىمبارگو مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش تېمىلىرىغىمۇ چېتىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىغا ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن فرانسىيىمۇ بۇنى يېقىندىن قوللاپ، ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا بېرىلگەن بۇ جازانى بىكار قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۈندىگەن ئىدى.

ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، ئەگەر ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قورال سېتىپ بەرسە، خىتاينىڭ بۇ قوراللارنى تەيۋەنگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. ھەتتا ئامېرىكا بۇ ھەقتە ياۋروپا بىرلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ناۋادا ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە سەزگۈر ھەربىي تېخنىكىلىرىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.