خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا ئىختىلاپ پەيدا بولدى
2005.01.19
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك سچوۋ چارشەنبە كۈنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
جەك سچوۋ "پۇل مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېرىلگەن 15 يىللىق قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بىكار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەك سچوۋ سۆزىدە يەنە، "تاشقى ئىشلار سىياسىتىدىن قارىغاندا، رىقابەت ئىختىلاپنى يوقۇتۇشتا ياكى سىياسەت دائىرىسىنى ئايرىشتا ئەمەس بەلكى شۇ ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا 15 يىلغىچە قورال سېتىپ بەرمەسلىك جازاسىنى بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشىغا كۈچلۈك قارشى چىقىپ، ئەگەر بۇ بىكار قىلىنسا خىتاي ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللارنى كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىپ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە )
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى
- خىتاي ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلاندى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي سۇداندىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قورال ساتقانلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى
- ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى شرويدېر خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى