ئامېرىكا ھېلىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ دىدى
2005.02.02
سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قايتىدىن تەكىتلىدى. لېكىن ئۇ ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قارشى قانداق چارە-تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىرنېمە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسى توغرىسىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ۋاشىنگتوننىڭ قورال ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:
خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خاتا سىگنال بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي مەسىلىلەردىمۇ ئەدىشىلىرىمىز بار.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن خىتايغا قارىتا يولغا قويغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلايدىغان ياۋرۇپا زىيارىتى جەريانىدىمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
رايىس بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا سەپىرى جەريانىدا سەككىز ياۋرۇپا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىدۇ. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى چىقتى
- خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا ئىختىلاپ پەيدا بولدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى
- خىتاي ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلاندى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي سۇداندىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قورال ساتقانلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى