ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ياۋروپانىڭ خىتايغا قويغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىنى ئەيىپلىدى


2005.02.04

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى كۈنى قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويۇلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشى پىلانىنى ئەيىپلىدى. قاراردا، ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانى تەيۋەن شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوس، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، دەپ تەكىتلىگەن. ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى، 3 كە قارشى 411 ئاۋازنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ئېلىندى. قاراردا خىتاينىڭ 1989 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھازىرغىچە ئاقلىمىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. ئەمما، ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىمبارگو مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئويلىشىشقا چاقىرغان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىدا خىتاينى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلەپ، تەيۋەن بوغۇزىغا 500 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىرانغا ھەربىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش بىلەن تەنقىد قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئالدىنقى كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايغا خاتا سىگنال بەرمەسلىكنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى "پۈتۈنلەي ئورۇنسىز" دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.