ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھېنرى ھايد ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال ساتماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھېنېرى ھايد (Henry J. Hyde) چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا "ۋولستىرىت ژورنىلى" دا "خىتايغا قورال ساتماڭلار" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

ھېنرى ھايد ماقالىسىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى ئويلىشىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ بۇ يەردىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ يەنە، تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ قورال چەكلمىسى ناۋادا بىكار قىلىنسا، بۇنىڭ 15 يىلدىن بۇيان ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن خاتا سىگنال بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يېڭى قارارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە دېموكراتىك پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ باستۇرۇشىغا يول ھازىرلاپ بېرىدۇ" دېگەن.

ئۇ ماقالىسىدا يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشتا قويغان شەرتلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ئامېرىكا چىقارغان خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك قارارىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھېنرى ھايد ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، "ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تاللاش يولى ناھايىتى ئېنىق. بىرى، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يەنە بىرى، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىش" دەپ يېزىپ، ياۋروپا بىرلىكىنى توغرا يولنى تاللاشقا چاقىرغان. (پەرىدە)