بريۇسسېل، خىتاينىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قەدەملەر بېسىشىنى ئۈمىد قىلدى
2005.02.25
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلار كومىسارى پېتېر ماندېلسون، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش يولىدا ئاتقان قەدىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ مەسىلىنى بېيجىڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان.
ماندېلسون ، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، " بىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك، قورال - ياراق ئىمبارگوسى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بەلكى ياۋروپانىڭ 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە كۆرسەتكەن رىئاكسىيىسىنىڭ مەھسۇلى،" دەپ كۆرسەتتى. بىراق ئۇ، خىتايغا قويغان ئىمبارگونى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماندېلسون، "خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش يولىدا ئىلگىرلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ،" دەپ تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ماندېلسون خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىش قارارى ئامېرىكىنى ئامېرىكىنى بىئارام قىلماقتا ئىدى. پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى ياۋروپا سەپىرىدە ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، ئىمبارگونى بىكار قىلىش تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھېنرى ھايد ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال ساتماسلىققا چاقىردى
- بۇش خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى
- بۇش زىيارىتىدە، ياۋرۇپانى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىرىدىكەن
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ياۋروپانىڭ خىتايغا قويغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا ھېلىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ دىدى
- ئامېرىكا خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى چىقتى
- خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا ئىختىلاپ پەيدا بولدى