بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىرلىكتە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قارشى تۇردى


2005.03.02

سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بىرلىكتە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇردى. شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشكە قېتىلىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى سەپىرىنى دوكلات قىلىپ، بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ھاسىل قىلغان يېڭى ئورتاقلىقلارنى ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئوخشىماسلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كومىتېتى رەئىسى رىچارد لۇگار " ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىشى، بىر خاتا يول" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ئارىدا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەنمۇ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېۋىزىيە يىغىنىدا، ياۋروپانى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى.

ئۇ يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە 700 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توغرىلاپ قويغانلىقىنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.