ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا سودا چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىن


2005.03.06

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلسا، ئامېرىكا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا بىر قىسىم سودا چەكلىمىسىنى قويۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئامېرىكا، خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد لۇگېر "مېنىڭچە، قورال چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندا، ئامېرىكا نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا سېتىپ بەرمەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتتە زور ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن" دېگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جورج ئەلىن ، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەيۋەنگە تەھدىد يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. جورج ئەللىننىڭ كۆرسىتىشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايمۇ شىمالىي كورىيىگە ئوخشاشلا قورال تارقاتقۇچى دۆلەت ئىكەن.

ئامېرىكا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ياۋرۇپا رەھبەرلىرى بۇ يىل 6 - ئايدا خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جاۋشىڭ يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە" خىتاينىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىدىن باھاسى قىممەت ھەمدە كېرەكسىز بولغان قوراللارنى سېتىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق" - دەپ كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.