ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشتە قاتتىق چەكلىمە قويماقچى
2005.03.13
ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك سىياسىتىنى، خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشتا قاتتىق چەكلىمە قويۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىشنى پىلانلىماقتا.
ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋاردنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا سېتىپ بېرىشكە بولىدىغان قوراللارنىڭ تىپى ھەققىدە بىر يۈرۈش قاتتىق چەكلىمە قويۇش نىزامىنى بېكىتىپ، خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك سىياسىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلىدىكى تيەنمىن ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغاندىن كىيىن، خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدى. ۋاردنانىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ۋەزىيەت 1989 - يىلىدىكىدىن كۆپ ئۆزگەرگەن. ئۇ يەنە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە كىشىگە ياۋرۇپا بىرلىكى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى قوللىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بۇ يىل 6 - ئايلاردا بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا سودا چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىن
- بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىرلىكتە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قارشى تۇردى
- بريۇسسېل، خىتاينىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قەدەملەر بېسىشىنى ئۈمىد قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھېنرى ھايد ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال ساتماسلىققا چاقىردى
- بۇش خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى