ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئامېرىكا بىلەن خىتايغا بېرىلگەن قورال چەكلىمىسىنى مۇزاكىرىلەشتى


2005.03.16

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا ۋاشىنگتونغا كېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايغا بېرىلگەن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەن.

گەرچە بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە نەتىجىسى مەتبۇئاتلاردا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى خىتاي قۇرۇلتىيىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئىدىيىسى سىڭگەن "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ماقۇللىشىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قايتا ئويلاندۇرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەزكۇر سەپىرىنىڭ ئاساسلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنىڭ، ئاسىيانىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئامېرىكىغا چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىرلىكتە ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بېرىلگەن قورال جازاسىنى بىكار قىلسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قاتناشقان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويمىغىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.