رايىس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويۇلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش ئىنتىلىشىنى تەنقىد قىلدى
2005.03.18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش بېيجىڭ دائىرىلىرىگە خاتا سىگنال بېرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
رايىس، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى بەزى ئىلگىرلەشلەر سەۋەبىدىن ، ب د ت يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رايىس، بۇ سۆزلەرنى پاكىستاندىن ياپونىيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىلەرنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چۈنكى بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىدى. رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، " ئىمبارگونى بىكار قىلىش بولۇپمۇ رايوندىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن، ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقان خىتايغا خاتا سىگنال بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن."
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 12.6 ٪ كۆپەيتكەن ئىدى. رايىس، جۈمە كۈنى كەچتە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ 3 - بېكىتى ياپونىيىگە يېتىپ باردى. ئۇ، ياپونىيىدىن كېيىن خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. رايىس، بېيجىڭ بىلەن تەيبېينى تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرمەسلىككە چاقىرىپ، بۇ يولدىكى ھەر قانداق ئىنتىلىش قارشى ئېلىنمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقات تەربىيىسى شۇنداقلا رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بىز بەزى چاغلاردا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىش قارارى ئالماي تۇرۇپمۇ، بەزى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ ئىشىمىز." بىراق ئۇ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئېتىقات جەھەتتىكى ئىختىلاپى يەنىلا بارلىقىنى بىلدۈردى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رايس ئافغانىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئامېرىكا بىلەن خىتايغا بېرىلگەن قورال چەكلىمىسىنى مۇزاكىرىلەشتى
- كوندولىزا رايىس ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى
- خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىشى ئامېرىكىنى بىئارام قىلدى
- "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ياۋروپانىڭ ئىمبارگونى قالدۇرۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن