ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن


2005.03.21

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دىپلوماتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بىكار قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دىپلوماتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ، خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنىڭ بېيجىڭغا خاتا سىگنال بەرگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يەنە "خىتاينى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى چىقارغان. بۇ خىل ئامىللار، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك سىچو ئەنگىلىيدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان بۇ يېڭى قانۇنىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا ئىنتايىن مۈشكۈل بىر سىياسىي ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ سۆزىدە، "خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن سىياسىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بارغانسىرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە يىتەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى" دەپ كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.