شىراك: خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسى بىكار قىلىنسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قورال ساتمايدۇ


2005.03.22

فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك سەيشەنبە كۈنى، ياپونىيىنىڭ ئاساھى شىمبون گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمباگوسىنى بىكار قىلسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دەرھال خىتايغا قورال سىتىشقا باشلىمايدۇ دېدى.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىراك گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا، خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال ئېكسپورتى توغرىسىدىكى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى دېگەنلىك ئەمەس، دېگەن.

فرانسىيە پرېزىدېنتى باياناتىدا، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلايلى دېگەنلىك خىتايغا قورال ساتايلى دېگەنلىك ئەمەس، دېدى. پرېزىدېنت شىراگنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسنى بىكار قىلىشىغا قەتئى قارشى چىقماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.