خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەر زاتلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنىڭ ئۈچ ئالدىنقى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" تيەن ئەنمىندىكى ئانىلار ھەرىكىتى" نىڭ 125 نەپەر ئەزاسى بىلەن، 4 - ئىيۇن ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى شۇنداقلا 400 دىن ئارتۇق خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرى، چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىگە يازغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان. ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى " پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى پىدائىيلار" شۇنداقلا " جاۋ زىياڭنى دەپنە قىلىش كومىتېتى" قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇردى. ئۇلار ئوچۇق خەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " 1989 - يىلدىكى تيەن ئەنمىن ۋەقەسى جوڭگولۇقلار ئۈچۈن كونا دەۋرنىڭ شانلىق كالىندارى بولۇپ قالغىنى يوق، جوڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە 1989 - يىلدىن بېرى ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولۇپ باقمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇلار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەرتنى ھازىرلىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئۈچ خىل شەرت " ۋىدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش ياكى ئاشكارە سوت قىلىش" ، " 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋاپكارلارنى سۈرۈشتۈرۈش" ، " خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلدىكى تيەن ئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)