فرانسىيە ياپونىيىگە خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە ئىزاھات بەردى
2005.03.27
ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان فرانسىيە باش مىنىستىرى جەك شىراك يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىگە كاپالەت بېرىپ، "ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى، خىتايغا سېتىلىدىغان قورال مىقتارىنىڭ كۆپىيىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
جەك شىراك، ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرو كويزومى بىلەن يەكشەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىنكى بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، " مەن كويزومىغا ئېيتتىمكى، بىز بېيجىڭغا سەزگۈر تېخنىكىلارنى ساتمايمىز" دېدى.
شىراكنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەلىپى مۇۋاپىق ئىكەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى سىياسىي سەۋەبتىن بولۇپ، مەقسىتى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئىكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرو كويزومى ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، "قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ" دېگەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دىموكراتىك ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كىيىن، بېيجىڭغا قورال ساتماسلىق چەكلىمىسىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. فرانسىيە بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسكارى. ئەمما، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن پائالىيىتىنى تىزلەشتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا ئىككىلەندى
- خىتايدىكى ئىنسانپەرۋەر زاتلار خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- شىراك: خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسى بىكار قىلىنسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قورال ساتمايدۇ
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن