كويزۇمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈندىدى


2005.05.02

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، دۈشەنبە كۈنى ليۇكسىمبۇرگدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى. كويزۇمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى ياپونىيىنىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى توغرا چۈشۈنىشكە ئۈندىگەن شۇنداقلا كەلگۈسىدە كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى جېين كلاۋدى جۇنكېر، ئىمبارگونى بىكار قىلىش يولىدىكى ھەر قانداق قارارنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتىشى ياپونىيىنى بىئارام قىلماقتىكەن.

كويزۇمىنىڭ ياۋروپادىكى زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى باشلاندى. ياپونىيە ئەمەلدارلىرىئىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنىڭ يىتەرلىك سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ قوشما ئاخباراتىدا، ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ "يەر شارى ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىجابىي ھەمكارلاشقۇچى" بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

كويزۇمى ياۋروپادىكى زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پاكىستانغا مەبلەغ سېلىش ئىمبارگوسىنى بىكار قىلدى. پاكىستان 1998 - يىلى يادرو بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندا ياپونىيە پاكىستانغا ئىمبارگو قويغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.