ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ


2005.05.06

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلى خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا ئالدىرمايدىكەن شۇنداقلا ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بېكىتىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر، كيوتودىكى ئاسىيا - ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭغا ئىمبارگونىڭ 30 - ئىيۇنغا قەدەر بىكار قىلىنىشى نامەلۇم، دەپ ئۇقتۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى دۆلىتى ليۇكسىمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېين ئاسىلبورىن، " ئىمباروگونى بىكار قىلىش قارارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،" دېدى. ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆرە بېكىتىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، " بىز ئىمبارگو مەسىلىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى باغلاش كېرەك دېگەنگە ھەيران قېلىۋاتىمىز،" دېگەن.

فرانسىيە ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىكىرىنىڭ باش قوللىغۇچىسى. ئەمما ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىمبارگونى بىكار قىلىش، تەيۋەن بوغۇزى ۋە رايوندىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرۇ، جۈمە كۈنى كيۇتودا ليۇكسىمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاسىلبورىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ياپونىيىنىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى تەكىتلىگەن. ئاسىلبورىن، " بىز رايوندىكى دوستلىرىمىزغا زىيان سېلىشنى خالىمايمىز شۇنداقلا ھېچبىر رايوننى دۇنيانىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى كۈتمەيمىز،" دەپ كۆرسەتتى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.