خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باغلىشىغا قارشى تۇردى
2005.05.10
خىتاي ھۆكۈمىتى، سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ئىمبارگونى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن باغلاشقا قارشى تۇردى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قورال-ياراق ئىمبارگوسى بىلەن خىتاي توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېين ئاسسىلبورىننىڭ چارشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت كۈنتەرتىپىنىڭ ئاساسى تېمىسىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاسسىلبورىن، ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئىمبارگو مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇققا باغلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جيەنچاۋ، " بىز قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باغلاشقا قارشى تۇرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.
لى جيەنچاۋ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىمبارگو بىلەن باغلاشنىڭ لوگىكىغا سىغمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى تيەن ئەنمىندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى شۇنداقلا 1990 - يىلدىكى بارېن نامايىشىنى تانكا ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بىلەن باستۇرغان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى جېين ئاسسىليسىلبورىننىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىسارى سولانا، ئىتتىپاقنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك رەئىسى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ۋەكىلى ئاسىلبورىنغا ھەمرا بولىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، خىتاي باشمىنىستىرتى ۋېن جياباۋ، دۆلەتكومىسارى تاڭ جياشۈئەن ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ
- كويزۇمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈندىدى
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پات ئارىدا خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار چىقارمايدۇ
- فرانسىيە ياپونىيىگە خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە ئىزاھات بەردى
- خىتاي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن پائالىيىتىنى تىزلەشتۈردى