ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قوغداش شەرتنامىسىگە قول قويۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلسا، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارى بېنىتا فېررېرو-ۋالدنېر خانىم خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، " قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، بىز ياۋروپا پارلامېنتىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا مۇستەھكەم قەدەم بېسىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن قايىل قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى زۆرۈر" دېدى.
بېنىتا خانىم باشچىلىغىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قورال چەكلىمىسى مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق ئىمپورت ماللىرىنى تەكشۈرۈش تېمىلىرىدىمۇ سۆھبەتلىشىدىكەن.
بېنىتا خانىم يەنە، خىتاينىڭ يېڭىدىن چىقارغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 16 يىلدىن بېرى خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ساتماسلىق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى تەكرارلىدى. ئۇ يەنە، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى سوڭ چۇيۈنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ھەتتا نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن بىلەنمۇ سۆھبەتلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)