ياۋروپا ئىتتىپاقى: جوڭگوغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسى داۋاملىشىدۇ

گەرچە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلانمىغىچە بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى قويغان. لېكىن فرانسىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خوسېي مانۇيىل بارروسو جۈمە كۈنى توكيودا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بارروسو " بىز قۇدرەت تاپقان جوڭگونىڭ دۇنياغا رىقابەتچى بولىدىغان دۆلەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىجابىي ئامىل سۈپىتىدىكى دۆلەت بولۇشى كېرەك ياكى زۆرۈر، دەپ قارايمىز،" دەيدۇ.

بارروسونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، قانۇننىڭ رولى ۋە دىموكراتىيىدە ئىلگىرلەش بولمىغىچە ئىمبارگونى ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىكەن. ئۇ، " بىز ئۇلارغا بەزى ئىلگىرلەشلەر بولمىغىچە ۋە ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ قارىشىدا يېڭى ھاۋا يارىتىلمىغىچە ئىمبارگونى بىكار قىلىۋېتىش مۈمكىنچىلىكى بار ئەمەس، دەپ ئېيتتۇق،" دىدى. خوسېي مانۇيىل بارروسو ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقتا. ئۇ، جۈمە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)