خىتاي ياۋروپا بىرلىكىدىن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
2006.09.06
خىتاي چارشەنبە كۈنى ياۋروپا بىرلىكىدىن 17 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى لى رۈييۈ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، "بىز ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ۋەدىسى بويىچە قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىدىغان سىياسىي قارارىنى تېزراق چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇ خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىقتۇر" دېدى.
لى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالىي يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقىغا بىۋاستە جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ۋېن كېلەر ھەپتە ئاسىيا-ياۋروپا ئالىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن فىنلاندىيىگە بارىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرىدە يەنە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيىلەرنى زىيارەت قىلماقچى. ئانالىزچىلار ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا سەپىرىدە خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە توختىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى تىيەنئەنمېندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچ يولدىكى پائالىيىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا 15 يىللىق قورال سېتىپ بەرمەسلىك ئىمبارگوسى قويغان ئىدى. گەرچە 15 يىل توشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناچار بولۇشى سەۋەبلىك بۇ ئىمبارگو بىكار قىلىنماي كەلدى. (پەرىدە)