ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى


2006.09.07

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانمىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۆرگۈزۈلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى 351 ۋەكىلنىڭ قوللىشى، 48 ۋەكىلنىڭ قارشى چىقىشى ۋە 160 ۋەكىلنىڭ بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللاندى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سوتسىيالىست گۇرۇھلارنىڭ كۆپچىلىكى قارارنامىدە تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان " بىر خىتاي پرىنسىپى" تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن. ياۋروپا پارلامېنتى ئىمبارگونى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى خىتايدا " كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

قارارنامىدە خىتاينىڭ " كىشىلىك ھوقۇق، ئاممىۋىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئوڭشالمىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقى كېرەك" دەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 17 يىلدىن بېرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.