خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىدىن يەنە قۇتۇلالمىدى


2006.09.12

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرمىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئاسىيا - ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان خېنسىنكىي يىغىنىدا ئىمبارگو مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ۋېن جياباۋ ياۋروپا رەھبەرلىرىنى ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى " يىراقنى كۆرۈشكە ۋە قەتئى بولۇشقا" شۇنداقلا ئىمبارگونى دەرھال بىكار قىلىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى خوسېي مانۇئېل بارروسو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ماتتى ۋەنخانەنلەر بۇ مەسىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى. ئۇلار شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە ، ئىمبارگو مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئىختىلاپى بار. گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە بىر مەزگىللەر ئىمبارگونى بىكار قىلىش تەرەپدارى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى چىقماقتا.

ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا كومىتېتىتىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانمىغىچە ئىمبارگونى بىكار قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.