ئىتالىيە باش مىنىستىرى رومانو پرودى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى تېزرەك بىكار قىلىشقا چاقىردى.
"ئىتالىيە، خىتايغا قورال - ياراق سېتىشنى چەكلەيدىغان ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، " دەپ تەكىتلىگەن رومانو پرودى، "بىز بۇ مەسىلىنى مۇمكىن قەدەر تېزرەك ھەل قىلىشىمىز كېرەك، " دەيدۇ. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 1989 - يىلى خىتاي دىموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغان جاي تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ غەرب تەرىپىدىدىكى خەلق سارىيىدا سۆزلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن 1989 - يىلى خىتايغا ئىمبارگو قويغان. پرودى بۇ سەپىرىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئىقتىسادى - سودا مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. ۋېن جايباۋ ئۆتكەن ھەپتە خېلسىنكىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى دەرھال بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرمىگەن.
پرودى ۋېن جايباۋ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە "ئىجابى مۇزاكىرە" ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئىتالىيە خەلقى ئۇچۇر، ئاخبارات ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، " دەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى. (ئەركىن)