ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە مەخسۇس ۋەكىلى (Benita Waldner) بېنىتا ۋالدنېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماي، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى بېنىتا مەزكۈر قارارنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ئىدى.

بېنىتا ۋالدنېر يەنە خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتلىرى ئۈستىدە تەكىتلەپ كىلىپ": بېيجىڭ دائىرىلىرى ئالدى بىلەن چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالار ھوقۇقى بىلەن سىياسىي ھوقۇق ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە بويسۇنۇپ، 1989 ‏- يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا قارشىلىق كۆرسىتىپ قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى قويىۋىتىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش تۈرمە سېستىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1989 ‏- يىلى بېيجىڭ ، تيەنئەنمىن مەيدانىدا دېموكراتىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش پائالىيىتىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يولغا قويغان ئىدى. (ئەقىدە)