گېرمانىيە خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقتى
2004.10.31
گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى سوتسيال دىموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېشىللار پارتىيىسى بىلەت تاشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى چىقتى.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى بىلەن باش مىنىستىر شرۈدېرنىڭ سوتسىيال دىمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىغا سۇنغان تەكلىپ لايىھىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قورال - ياراق ئېكسپورت تۈزۈمىگە دائىر يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان. تەكلىپ لايىھىسىدە يەنە خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلىش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت سىياسى ۋە پۇقرالار ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسىنى ئۆز ئىچىگە خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى ئىمزالاش ياكى تەستىقلىشىگە باغلىق بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، "خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىلىكى، شۇنداقلا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بوشلىق ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر خىتايغا قورال - ياراق سېتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس" دەپ تەكىتلىگەن. يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغان فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)