ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارشى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
2007.07.27
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ پۇل - مۇئامىلە كومىتېتى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن، خىتاي قاتارلىق پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل - مۇئامىلە سىياسىتىگە قارشى ئىلگىرلىگەن ھالدا تەدبىر ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماكس باۋكۇن، چارلىز شۇمىر، لىندسېي گراھام، چاك گراسلېيلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن لايىھىسى پەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ پۇل - مۇئامىلە كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، بىرگە قارشى 20 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
قانۇن لايىھىسىدە ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى كونترول قىلىش سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا. كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراسلېي، قانۇن لايىھىسىنىڭ " پۇل - مۇئامىلە ئابوروت بازىرى قائىدىلىرىگە بويسۇنمايدىغان ئامېرىكا سودا شېرىكلىرىگە" قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېن 29 - ئىيۇلدىن 1 - ئاۋغۇستغىچە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى. لېكىن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى چارلىز شۇمىر ۋە لىندسېي گراھاملار تەشەببۇس قىلغان ئەگەر خىتايلار پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرمىسە، خىتاي ئىمپورت توۋارلىرىغا % 27 تاموژنا بېجى چاپلاش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە ئورۇن ئالمىغان.
ئامېرىكا كارخانىچىلىرى ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي خەلق پۇلىنى ئۇنىڭ بازار قىممىتىدىن % 40 تۆۋەن تۇتۇپ، سودىدا ئادالەتسىز رىقابەتكە يول ئاچماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى
- ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۇنىدۇ
- خىتاي سودا-سانائەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتتە پائالىيەت قىلدى
- ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ
- ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتلىرى ئاياغلاشتى
- ئامېرىكا خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسى سۇندى
- رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى