ئامېرىكا خىتايغا تېخنىكا ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتماقتا

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى ئامېرىكا تېخنىكىسىنى قوللىنىدىغان پرەت ۋېتنى شىركىتى 2000 ‏- يىلى، خەلق ئىچىدە پايدىلىنىش شەرتى ئاستىدا، خىتايغا PT6 بەلگىلىك تىك ئۇچار ماتورىدىن 10 نى سېتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي بۇ موتورلار بىلەن ھۇجۇمچى تىك ئۇچار قۇراشتۇرۇپ، ئۇنى 'جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئۆزى ياساپ چىققان تىك ئۇچار' دەپ ئاتىغان.

خوڭكوڭدىكى ھەربىي مۇلاھىزىچى پىڭ كېفۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىن خەلق ئىچىدە ئىشلىتىش شەرتى ئاستىدا سېتىۋالغان بوئىن 737 بەلگىلىك ئايرۇپىلانىنىمۇ ھازىر ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كوماندىر ئايرۇپىلانى قىلىپ قوللانماقتا. فرانسىيىدىن ئىمپورت قىلغان ئايرۇپىلانلارنىمۇ ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى قىلىۋالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كارل دۇكۋورس نىڭ بايان قىلىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇنداق مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىر خىتاينىڭ قانۇنلۇق سودىدىن پايدىلىنىپ قىلىۋاتقان بۇنداق قانۇنسىز ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ. (ۋەلى)