ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭك خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى


2008.01.13

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمىخان سىڭك يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سىڭك بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى كۆرۈشكىلى چىقمىغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ھېچقانداق رەسمىي ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزمەي ، پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېنگاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا زور ئەقىل پاراسىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىغان.

بۇ مانمىخان سىڭك ھىندىستان باش مىنىستىرى بولغان 2004-يىلىدىن بۇيانقى تۆت يىل ئىچىدە بىرىنچى قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەم ۋۇ باڭگو قاتارلىقلار بىلەن سوھبەت ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى، مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىگە ئائىت ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ، شۇنىڭدەك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئاز دېگەندە بەش خىل كېلىشىمگە ئىمزا قويىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت سودىسى37 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئەمما، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنىلا كۆپلىگەن ئىختىلاپلار بار بولۇپ، بىرى تىبەت مەسىلىسى، يەنە بىرى چېگرا مەسىلىسى بولۇپ، 1962-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا تالىشىپ، بىر مەيدان قانلىق جەڭ قىلغان ئىدى. ھىندىستاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەربىي تەخنىكا جۈملىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىئاماتكا ۋە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىلىرى ۋە باشقىلار خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ بىر مىليارد نوپۇسلۇق بۇ دۆلەت بىلەن ياخشى ئوتۇشكە تىرىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.