ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئۇچراشتى

دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۇش ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ خىتايدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بەش يىلىدىن بۇيان خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ھىندىستان باش مىنىستىرى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مانماخان سىنگ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقاندا ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەڭ مۇھىم ئىشلار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىز خىتاي بىلەن پايدىلىق ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتىمىز" دېگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل تۈرلەردىكى سۆھبەتلەرنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

بۇ ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى، خىتاي خەلق سارىيىدا ئۇچرىشىپ بولغاندىن كىيىن خىتاي- ھىندىستان ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق چېگرا مەسىلىسىدىكى سوغۇقچىلىقىنى يۇمشىتىش ۋە مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ھەر خىل كېلىشلەرگە ئىمزا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ئىمزالانغان سودا كېلىشمىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 2010 - يىلغا قەدەر ئىلگىرىكى 40 مىليارد دوللاردىن 60 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۇش بېكىتىلگەن.

1962- يىلى خىتاي ھىندىستان ئارىسىدا يۈز بەرگەن چېگرا ئۇرۇشىدىن بۇيان خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل يامان بولۇپ كەلگەن بولۇپ شۇندىن ئېتىبارەن خىتاي ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى 11 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.