بېيجىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى


2005.04.25

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ سەل ئالدىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كىيىم - كېچەك ۋە توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورتى بويىچە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى توقۇلما بۇيۇملار ئېكىسپورتىنى ئازايتمىسا، خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسارى پېتىر ماندىلسون، يەكشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا توققۇز تۈر بويىچە چەكلىمە قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەمما خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي، "جوڭگو ماللىرىنىڭ بەزى يەردە تېز كۆپىيىشىگە جوڭگو تەرەپ مەسۇل ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. بو شىلەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ماللىرىنىڭ بەزى دۆلەت بازارلىرىدا جىددى كۆپىيىپ كېتىشىگەئ" بۇ دۆلەتلەرنىڭ 2005 - يىلى 1 - يانۋاردىن ئىلگىرى يولغا قويغان سودا بىكىنمىچىلىك تەدبىرلىرى سەۋەپ بولغان." ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي ماللىرىنىڭ ئېكىسپورتىنى كونترول قىلىش يولىدا تەدبىر ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بو شىلەي، خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلارغا كېلىشىم بويىچە ئېكىپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، " جوڭگو بەزى دۆلەتلەرنىڭ جوڭگو ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ،" دېدى. ئەمما بەزى توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئېكسپورتى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان دەرىجىگە بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ماندىلسون، "ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، " خىتاي ماللىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىش ۋاقتى كەلگەن." ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى 4 ئايدا خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورتى بەش ھەسسە كۆپەيگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.