خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان، دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مۇستەقىللىق تەلەپلىرى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ باياناتىدا، " بىز بۇ دوكلاتقا قاتتىق نارازىلىقىمىز ۋە قارشىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئۇلار بىزنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىمىزنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى" دەپ كۆرسەتتى. ھەمدە ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بۇ دوكلاتىدا خىتاينى دۇنيادىكى " دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلىشقا تىگىشلىك" سەككىز دۆلەتنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتكەن. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ " خىتايغا يۈرگۈزىلىدىغان سىياسەت دوكلاتى" نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنى توختۇتۇشقا چاقىردى. (ئارزۇ)