چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەنگە مۇكاپات بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى


2005.12.08

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغان خادىمى جاۋ يەنگە 2005 - يىللىق خەلقئارا ئاخبارات مۇكاپاتى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئۇلارنى "مۇخبىرلارنى ئىشقا سېلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان" ۋەقەنى مۇكاپاتلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. چىن گاڭ، " مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەننى ئاخبارات ئەركىنلىكى قەھرىمانى، دەپ مۇكاپاتلاشتىكى غەرىزى نېمە" دەيدۇ.

مەركىزى پارىجدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى جاۋ يەننى "ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە ئاخباراتچىلىق پرىنسىپى ئارقىلىق ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تۆھپە قوشقان جۇرنالىستلار" دېگەن شان - شەرەپكە مۇۋاپىق، دەپ قارىغان. جاۋ يەن 2004 - يىلى 9 - ئايدا قولغا ئەنگلىزچە " نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىدا مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، جاۋ يەننى قولغا ئېلىش ئەينى چاغدا جاڭ زېمىننىڭ ئايروپىلانىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى تېپىلىش سەتچىلىكىنى پاش قىلىۋېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چىن گاڭ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەننى مۇكاپاتلاش ھەرىكىتىنى ، " جوڭگو ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقتۇر" دېدى. جاڭ زېمىننىڭ ئايروپىلانىغا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ " نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" پاش قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.