كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئەيىبلىدى

دۈشەنبە كۈنى، ئىككى چوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەسكىن رەۋىشتە تەنقىد قىلالمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزكۇر كېڭىشى، ئالدىنقى نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى لاياقەتسىز بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئورنىغا دەسسىتىلگەن بولۇپ، باش شتابى جەنۋەگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتچىسى، بۇ كېڭەشنىڭ تۇنجى يىلىنى "ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ" دەپ سۈپەتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىسى ۋە نيۇيوركتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك ئۆيى بىرلىكتە ئۈچ پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي، كۇبا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنى قوغداپ قالدى ۋە بۇ دۆلەتلەر سۇدان، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەيىبلىنىشتىن توسۇپ قالدى دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى قوزغاشتىن باشقا ھوقۇقى يوق بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى خىتاينىڭ يېنىنى ئالىدىغان ئافرىقا ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 53 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەيىبلىمەي ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىناۋىتىنى يوقاتقان ۋە بۇلتۇر بۇ كومىتېتنىڭ ئورنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دەسسىتىلگەن. (جۈمە)