ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى "ناچارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچار" دۆلەتلەر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى ۋە خىتاينى بۇ تىزىملىكتىكى 17 دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى.
ئەركىنلىك سارىيى، دەپ ئاتلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، بېرما، كۇبا، لىۋىيە، شىمالىي كورىيە، لائۇس، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 17 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى "ناچارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچار" دۆلەتلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي كورىيە، كۇبا ۋە بېرما قاتارلىق 8 دۆلەتنى پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى خاتىرىسى تېخىمۇ ناچار دۆلەتلەر، دەپ قارالغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت پۇقرالار كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەقىپ قىلىنماقتا شۇنداقلا مۇستەقىل تەشكىلاتلار ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەر باستۇرۇلماقتا ياكى چەكلەنمەكتە. بۇ دوكلات بىلەن يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ چەتئەل ئورگانلىرى تەرىپىدىن 3 - قېتىم ئەيىپلىنىشىدۇر.
بۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئولىمپىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىدىغان دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)