ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرى دۆلەت مەجلىسى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى تارتتى


2006.01.30

ئامېرىكىدىكى مايكروسوفت (Microsoft) ۋە سىسكو (Cisco) غا ئوخشاش چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلىدىغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنغا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

بۇ يىغىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2‏-ئاينىڭ 1‏- كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، مايكروسوفت ۋە سىسكو شىركىتى ھەر ئىككىلىسى بۇ يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا قالغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن گۇگۇل (Google) بىلەن ياخۇ (Yahoo) مۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەن.

گۇگۇل شىركىتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى ئىزدەشكە ياردەملىشىش تەلىپىگە قوشۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ماكروسوفت، سىسكو ۋە ياخۇ قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى بەزى شەرتلىرىگە قوشۇلۇپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلىدىغان مەزكۇر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىغا ئامېرىكىدىكى بۇ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن باشقا يەنە، چېگراسىز مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋورد قانۇن مەكتىپى قاتارلىق خەلقئارالىق 5 ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتمۇ قاتنىشىدىكەن.

شۇنداقلا ئۇلار يىغىندا بۇ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن بۇ ھەقتە سۇئال سورايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوسنىڭ باياناتچىسى لىن ۋېيل " بۇ ئەسلى ئۇلارنىڭ نامىنى ئاقلاشتىكى بىر ياخشى پۇرسەت ئىدى" دەيدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى ت. كۇمار " بۇ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقى، بىر نومۇسسىزلىق. ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر يەڭدىن قول چىقىرىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىمۇ 2‏-ئاينىڭ 15‏-كۈنى گۇگۇل ۋە باشقا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى يەنە بىر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىغا چاقىرغان. بۇ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىسنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭ باياناتچىسى برەد دېيسپرىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ھەتتا بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايغا ئىنتېرنېت تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسى چىقىرىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.