ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە چەك قويماقچى


2006.02.13

سۆزلەش ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلار Google قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى مەلۇماتلارنى چەكلەش تەلەپلىرىگە بويۇن ئەگدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغان شەرت ئاستىدا خىتاي بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلماقتا.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا نېفىت ۋە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مۇئامىلىسى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇئامىلىسىنى سۇسلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان USA Today گېزىتىنىڭ 13 ‏- فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى كىرىس سىمىت، Google، Yahoo ۋە Microsoft قاتارلىق چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېخى يېزىلىپ بولمىغان كىرىس سىمىتنىڭ قانۇن لايىھىسى ئاللىقاچان جۇمھۇرىيەتچى دانا روراباخەر قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئازالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

كرىس سىمىت، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى Google، Yahoo ۋە Microsoft ۋە ،Cisco قاتارلىق ئېئىنتىرنېت شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. مەزكۇر ئىنتېرنېت شىركەتلىرى، خىتاي بىلەن سودا قىلىش، بۇ دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق دېيىشمەكتە. ئەمما كىرىس سىمىت ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى تەرەققى قىلغانسېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.