خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى بارغانسېرى كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا


2006.02.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى بارغانسېرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. بۇنىڭ قاتارىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىغا قاراشلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئافرىقا ۋە خەلقئارا مەشغۇلات ئىشلىرى گۇرۇپپىسى 15‏- فېۋرال كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى رولى مەسىلىلىرىدە توختالدى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سمىس كۆزدىن كەچۈردى. شۇنداقلا يىغىندا، خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردە سۆز ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي كۆز قارشىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارىلىدىغان ئىنتېرنېتنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۆزىنى بۇ ھەقتە ئاقلاپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى، خىتاي ۋە ئىرانغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي چارە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.