Google خىتايدا رۇخسەتسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور پونكىتىدا سىياسىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى بېسىمىغا تېز پۈكۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان Google ئىنتېرنېت شىركىتى،خىتايدا ICP گۇۋانامىسى ئالماي تۇرۇپ مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى. ئەمما Google شىركىتى خىتايدا رۇخسەتسىز مۇلازىمەت ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغان.

بېيجىڭدا چىقىدىغان " شىنجىڭ گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، Google نىڭ جۇڭگو تور پونكىتى خىتايدا تور مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر رۇخسەتنامىسى ICP گۇۋانامىسىنى ئالمىغان.

خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە تور بەتلىرىنىڭ ICP گۇۋانامىسى ئېلىش قائىدىسى بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خىتايدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان تور پونكىتلىرى چوقۇم ICP ئېلىش كېرەك. " شىنجىڭ گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاي ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

جۇڭگو سودا ۋاقتى گېزىتى، "جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت سىياسىتى بويىچە Google نىڭ ھەرىكىتى پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق" دەپ يازدى. ئەمما Google شىركىتىنىڭ باياناتچىسى" شىنجىڭ گېزىتى" نىڭ خەۋىرىنى ئاساسسىز، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ باياناتىدا Google نىڭ جۇڭگودىكى مۇلازىمىتى تېگىشلىك گۇۋانامىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا " دەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Google پونكىتىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىدىغان Ganji.com ناملىق تور بېتى بىلەن شېرىكچىلىكى بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بىر ICP گۇۋانامىسى قوللانغان. Google نىڭ باياناتچىسى، مەزكۇر تور پونكىتىنىڭ خىتايدا قانۇنلۇق گۇۋانامىسى بار، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما جۇڭگو ئۇچۇر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، بۇ مەسىلە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)