كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، 10 - ئاۋغۇست كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ياخو، گوگۇل ۋە غېرىپتىكى ئىنتېرنېت تور بېتى شىركەتلىرىنىڭ، خىتايغا ، ئىنتېرنېت تور بېتىنى كونترول قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دەرھال قانۇن تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان شىركەتلەرنىڭ ھەركەتلىرىنى توختۇتۇشى تەشەببۇس قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى نازارەت قىلىش سېستىمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئورۇندا تۇرىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، ياخو شىركىتىنى ئالاھىدە تەنقىد قىلىپ، مەزكۇر تور بېتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە سولىنىشىغا يول ئاچقانلىق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇخبىر شىشونى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالىغان بولۇپ، بۇ ياخو شىركىتىنىڭ خىتايغا شىخاۋ ھەققىدە مەلۇمات بېرىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
دوكىلاتتا يەنە، گوگۇل شىركىتىمۇ تەنقىد قىلىنىپ، گوگۇلنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، سىياسىي ئاتالغۇلارنى چەكلەش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت مەسىلەرنى ئېلان قىلماسلىقتەك مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى ئەيىبلەندى. بۇلاردىن سىرت ئىنتېرنېت تېلېفۇن شىركەتلىرىدىن Skype، خىتايغا سەزگۈر ئاتالغۇلارنى تەكشۈرۈش ئىمتىيازى بەرگەن ، بۇمۇ مەزكۈر دوئىكىلاتتا قاتتىق ئەيىپلەنگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ، بارلىق قانۇن ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنتېرنېت ساقچىسى تۇرغۇزۇش، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سۆز قىلىشىنى بوغۇش، بولۇپمۇ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە خلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا يول قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى. (ئەقىدە)