چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە 24 سائەت نامايىش ئۆتكۈزدى

مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات بۈگۈندىن يەنى 11 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنىدىن باشلاپ 24 سائەت "مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى توسۇشقا قارشى تۇرۇش" نامايىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات باشلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە، ئۆز خەلقنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە يول قويمايۋاتقانلىقىغا ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى كۈچىنىڭ بېرىچە توسۇۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات يەنە، دۇنيادىكى بارلىق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالغا قارشىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەسئۇلىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش 7 ‏- نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن باشلاپ 8 ‏- نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە داۋاملىشىدىكەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغان بۇ دۆلەتلەر خىتاي، لائوس، ۋيېتنام، شىمالىي كورىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى "بىزنىڭ بۇ قېتىم بۇنداق چوڭ نامايىش ئۆتكۈزىشىمىزدىكى مەقسەت، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەرگە،خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەتلەردە قىلچە مەتبۇئات ئەركىنلىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا مەزكۇر دۆلەتلەردە مەتبۇئاتنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش" دەپ مەلۇم قىلدى. (مېھرىبان)