كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى


2007.12.11

كالىفورنىيىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق سودا قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنى ئېلىپ تاشلاشقا قىستىدى.

دۈشەنبە كۈنى كالىفورنىيىدىكى سان رافاېل كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سودا ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسىدا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتقا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان نومۇسسىز ۋە قاتتىق توسۇش قىلمىشىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىمىگە ئېغىر خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سودا ۋەكىلىدىن، خىتاينى 2001 - دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندە ھاسىل قىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئەيىبلەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكالەتچىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرىغا “بازارغا كىرىش ھوقۇقى” بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش قىلمىشلىرى تۈپەيلى خىتايدا تولۇق ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " خىتاينىڭ ئىنتېرنېتقا قارىتا ئېلىپ بارغان چەكلەش ھەرىكىتى، سۆز‏- پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى سودىسىدىكى بىر ئاشكارا توسۇق بولۇپ، بۇ بىر سودا مەسىلىسىدۇر."

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ئىنتېرنېتنى تەقىپلەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىقىپ چەتئەلدىن تارقىتىدىغان نۇرغۇن تور بەتلەر ئۇستىدىن قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، خىتاي ئىچىدىكى پۇقرالىرىنىڭ كىرىشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىن دىققەت ‏- ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.